باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى پۇختا ئىگىلەيل

2014.06.25 14:04         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  - ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك كومىتېتى 7–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  يولداش جاڭ چۈنشيەن ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي ( كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى دەپ يەنە بىر قېتىم ئېنىق تەكىتلىدى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي پىروگراممىنى چىڭ تۇتۇش زۆرۈر.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى.

  2010 – يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز مەزگىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشىۋاتقان مەزگىل. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى مۇقىم، ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك كۈچىمىزنى ساقلاپ، بۇ خىل ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ مۇقىملىق ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شۇنى كۆرۈشىمىز زۆرۈركى، ئاپتونوم رايونىمىز ھازىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جانلانغان مەزگىل، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىنلەشكەن مەزگىل، ‹‹تولغاق›› كۈچەيگەن مەزگىلدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلەشكەن›› ئالاھىدە تارىخىي پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان زىددىيىتى ۋە كۈرىشى كەسكىنلىشىپ گەۋدىلىك مەسىلىگە ئايلاندى. بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئالدىنقى بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرى، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر ساھە، ھەرتەرەپنىڭ خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلىشىمىز كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى پۇختا ئىگىلەشتە، مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز جاي، تارماق، ئادەم بولماسلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە باشقا نۇقتىلىق رايونلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. ھەر بىر كادىر، ئامما تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقملىقنى قوغداشنىڭ تىرىك ھۈجەيرىسى بولۇشى، ھەممەيلەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش خەلق ئۇرۇشىغا ئاتلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ھەقىقىي ئومۇمىي نىشان قىلىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، كەلگۈسىگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى پۇختا ئىگىلەشتە، يەنە ‹‹مۇقىملىقنى بىر تەرەپلىمە قوغداش›› ۋە ‹‹ئۈمىدسىزلىنىش، قىزىققانلىق قىلىش››تەك خاتا تونۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقملىقنى چۆرىدەپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى قارىمۇقارشى قىلىپ قويۇشقا، مۇقىملىقنى دەپ باشقا خىزمەتلەر بىلەن كارى بولماسلىققا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا ئۈمىدسىزلىنىپ بەل قويۇۋېتىشكە، ئىشەنچنى يوقىتىشقا بولمايدۇ؛ شۇنداقلا ئۆز قابىلىيىتىنى بەك يۇقىرى چاغلىۋېلىشقا، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا، ئاددىي ئۇسۇل قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن ئەبەدىي ئەمىنلىك بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇنىڭدا بىر ئەجىر بىلەن ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش چارىسى ۋە بىر پەشۋا بىلەن تۈگىتىش تەدبىرى مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت نورمال روھىي ھالەتنى ساقلاپ، پەخەس بولۇپ، كىچىك غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، ئاخىرقى مەقسەتكە يەتمىگۈچە بەل قويۇۋەتمىگەندىلا، ئۈزۈل – كېسىل غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ خىزمىتى قارىماققا مۇرەككەپ، باش – ئايىغى يوق، چىگىشتەك كۆرۈنىدۇ، ھالبۇكى، ئۇنىڭ يادروسى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك. ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلساقلا، باشقا زىددىيەتلەر ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ. بىز چوقۇم مەسىلىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھازىرقى ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدەپ، كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئاساسنى پۇختىلىساقلا، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر