باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭ شەھىرى ‹‹پۇقرالارنىڭ يېنىدىكى ياخشى مەكتەپ›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى

2014.06.24 15:18         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ بىشەن ناھىيەسىدىكى چېڭبېي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئون نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئوقۇتۇش بىناسى، پىلاستماسسا مەيدانى بار ئىكەن، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى داڭلىق مەكتەپتە قايتا تەربىيەلەنگەنىكەن، ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسىدە سۈزۈلۈپ قاينىتىلغاندىن كېيىن مۇزلىتىلغان سۇنى ئىچىدىكەن، جۈمەكتىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ مەكتەپتە ئاساسلىقى شەھەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىكەن.

  چۇڭچىڭ شەھىرى ‹‹پۇقرالارنىڭ يېنىدىكى ياخشى مەكتەپ›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا ئاساسلىقى شارائىتى، تەربىيەلەش سۈپىتى ئاجىزراق ئادەتتىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، شەھەرلەرنىڭ يېڭى رايونى ۋە يېڭى مەھەللىلەرگە يانداش سېلىنغان مەكتەپلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق كۆچمە ئاھالىنىڭ پەرزەنتلىرى قوبۇل قىلىنغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، يېزا، چەت، يىراق رايونلاردىكى مەكتەپلەر ۋە كەنت مەكتەپلىرىنىڭ قاتتىق، يۇمشاق ماتېرىيال سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى بېكىتكەن ‹‹پۇقرالارنىڭ يېنىدىكى ياخشى مەكتەپ››نىڭ ئالتە ئاساسىي ئۆلچىمى مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش؛ ئوقۇغۇچىلارنى ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك قىلىپ تەربىيەلەش ئاساسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ مەكتەپ مۇدىرى ئىقتىدارلىق، ئوقۇتقۇچىلار قابىلىيەتلىك بولۇش؛ روشەن مەكتەپ باشقۇرۇش خاسلىقىغا ئىگە بولۇش؛ مائارىپ ئادىللىقىدا چىڭ تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  بىشەن ناھىيەلىك مائارىپ كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇنداق دېدى: چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بىشەن ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردا مالىيەدىن نەچچە يۈز مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، مائارىپ بايلىقىنى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئادەتتىكى مەكتەپلەرگە مايىللاشتۇرغاچقا، مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق ئەسلىھە سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ‹‹داڭلىق مەكتەپلەر ئاجىز مەكتەپلەرنى يېتەكلەش››، ‹‹سەركە پىلانى›› قاتارلىق تۈرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى زورىيتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر