باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش كېرەك

2014.06.24 08:35         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 7–ئىيۇن ئىككى يېرىم كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسەتتى ھەم ئۈلگە تىكلىدى. باشقا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى 15–ئىيۇندىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە(رايون)لىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى. ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە(رايون)لەر مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، لەنكاۋ ناھىيەسىنى ئۆرنەك قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇردى، يىغىن ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېچىلىپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى.

  ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەش جەھەتتە، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، تولۇق تەتبىقلىشى كېرەك، پارتكوم بەنزىلىرى باشلامچى بولۇپ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ ئۈلگە بولۇشى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش بەنزىلىرى كەينى – كەينىدىن ئېچىشى كېرەك. كۆزدىن كۆچۈرۈش، ئۆگىنىش، يىغىننى تەربىيەلەشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، تىپلارنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك، ناھىيە، شەھەر، رايونلار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قۇتۇبى ناھىيەسىنى ئۈلگە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار دېيىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك دائىمىي كومىتېت بەنزىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا بۆلۈنۈپ قاتنىشىشىنى قارار قىلدى. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بەلگىلەنگەن تەرتىپ، قەدەم – باسقۇچ ۋە ۋاقىت تەلىپىگە ئاساسەن، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قاتتىق، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم بەنزىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئېچىش ۋاقتى مەركەز تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغاندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ. مەركەز تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەركەز سەييارە ھەيدەكچىلىك – يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىڭ سېلىشتۇرما تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ، كۆپ ساندىكى بەنزە ئەزالىرىنىڭ سېلىشتۇرما تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى تۆۋەن بولۇپ، تەلەپكە يەتمىسە، ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەم مەركەز تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىغا يوللايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ بىرىنچى قول مەسئۇللىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، بەنزە ئەزالىرىنى ‹‹ئۆزىگە پىكىر بېرىش، دىققەتنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈش››كە رىغبەتلەندۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشتا قىزغىن كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركەز تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۈچتىن بەشكىچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى ئىختىيارىي تاللاپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوملار مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇشى، بىرىنچى قول مەسئۇل رەھبەر 1–جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈشكە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ئەمەلىي، كونكرېت تۇتۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەيدەكچىلىك – يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىش ئۆتكىلى، سىردىشىش، سۆزلىشىش ئۆتكىلى، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئۆلچەمنى قەتئىي بوشاشتۇرماي، تەلەپنى تۆۋەنلەتمەي، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئېچىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ كەڭ، پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر