- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلىتىمىز ئىراقتىكى جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى
2014.06.24 15:28 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
18-ئىيۇن ، بىر ساقچى باغدادتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى باسراھقا جايلاشقان زۇبەير نېفىتلىكىدە پوستتا تۇرماقتا
ئىراق ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ئەھۋالدا ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىراقتا ئىشلەۋاتقان جۇڭگولۇق ئىشچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى .
ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، جۇڭگونىڭ ئىراقتا ئېنېرگىيە ، قۇرۇلۇش ۋە تېلېگراف كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 15 شىركىتى ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى بار بولۇپ ، ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەزكۇر دۆلەتنىڭ بىخەتەر رايونلىرىدا ئىكەن .
دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى خۇا چۇنيىڭ 19-ئىيۇن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ ، ئىراقنىڭ خەتەرلىك رايونلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئاز سانلىق ئىشچىلارنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بۇ ئىشچىلارنىڭ دۆلەتكە قايتىپ كېلىشىدىكى چېگرىدىن چىقىش-كىرىش ئىشلىرىدا قولايلىق يارىتىپ ، ئۇلارنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر