ياز كەلگەندىن بۇيان ، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى مەشىق بازىسى بازىدىكى ئالاھىدە جەڭچىلەرنى تەشكىللەپ، توسۇپ كونتروللاش ، چارلاپ تەكشۈرۈش ، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ، يوشۇرۇن زەربە بېرىش ، قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەڭ گۇرۇپپىلىرىغا ئايرىدى ھەمدە ‹‹ خىيالەن دۈشمەن ›› لەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئەمەلىي ئۇرۇش خاراكتېرىدىكى قارشلىق مەشىقى ئېلىپ باردى . ئالاھىدە جەڭچىلەر مەشىق جەريانىدا نۇقتىلىق تۈردە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشتا ھۇجۇمغا ئۇچراش ، بەلگىلەنگەن ئورۇندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ھۇجۇمغا ئۇچراش ، مەيدان ۋە ئاۋات شەھەر رايونىدا ھۇجۇمغا ئۇچراش قاتارلىق ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى قىلىپ ، ھۇجۇمغا قارشى 30 نەچچە خىل جەڭ ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چىقتى .