باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل بورتالا ئوبلاستى ئالتە چوڭ نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ

2014.06.20 12:28         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل بورتالا ئوبلاستى خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىي 270 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالتە چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويىدۇ. جەمئىي 125 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغۇرۇلىدىغان كۆلەمنى 150 مىڭ مو كۆپەيتىپ، سۇ تېجەپ سۇغۇرۇش ئىشلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزىلاردا بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 5000 ئاھالىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ 31 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەلكۈن سۈيى چىقىرىدىغان جىلغىلارنى تۈزەپ، 18 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى ياسايدۇ؛ 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئارشاڭ ناھىيەسىدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 2.4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى ياسايدۇ. 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بورتالا دەرياسى ۋادىسىدا چوڭ تىپتىكى سۇغۇرۇش رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سۇ يەتكۈزۈش غول ئۆستىڭى ياسايدۇ. 72 مىليون 870 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيەسىدە كىچىك تىپتىكى ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بويىچە نۇقتىلىق رايون قۇرۇشنى تاماملاپ، تېمىتىپ سۇغۇرۇلىدىغان كۆلەمنى 60 مىڭ 300 مو كۆپەيتىدۇ. جەمئىي 5 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سۇ توشۇش ماشىنىسىدىن ئۈچنى، قۇدۇق كولاش ئەسلىھەلىرىدىن بىر يۈرۈش، سۇ تارتىش ناسوسىدىن 38 يۈرۈش، ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى تازىلاش ماشىنىسىدىن ئالتە يۈرۈش، گېنىراتوردىن 11 يۈرۈش سېتىۋېلىپ، ئىككى ناھىيە بىر شەھەردە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئەترىتى قۇرۇپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر