جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدا خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خۇاڭپۇ روھىنىڭ يادروسى-جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىرادە بىلەن قەيسەرانە كۈرەش قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە خۇاڭپۇ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، نۇرلاندۇرۇشتا ئاساسلىقى ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولى-توغرا، تارىخنىڭ يۈزلىنىشىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىسى-جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىپ كۈرەش قىلىش. خۇاڭپۇدىكى ساۋاقداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، شەخسىي ئارزۇسىنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىگە مۇجەسسەملەپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.