- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پاكىستان ھەربىي تەرەپ ‹‹تازىلاش ھەرىكىتىدە 177 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتۇق›› دېدى
2014.06.18 08:49 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
16-ئىيۇن ، پاكىستان ھەربىي تەرەپ ئۆتكەن ئىككى كۈن شىمالىي ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتتە 177 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ئالتە تايانچ ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئېيتقان .
باياناتتا دېيىلىشىچە ، شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەت پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ، ھەربىيلەر بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ كىرىش-چىقىش يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىپ ، تەشكىلات ئۇۋىسىنى قورشىۋالغان .
پاكىستان ھەربىي تەرەپ 15-ئىيۇن خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىغا يوشۇرۇنىۋالغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىغان . پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى Rahiller Sharif بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى بارلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ ، تېررورلۇق تەھدىتىنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر