باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىرىشىپ سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كادىرلاردىن ۋە كوللېكتىپلاردىن بولۇش كېرەك

2014.06.20 12:25         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە(رايون)لىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىلىپ، ياخشى ئۈنۈم يارىتىلدى

  مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئاچقۇچلۇق قەدەم – باسقۇچ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىردىن ناھىيە، رايوننى پارتىيەنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى ئالاقە نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىپ، ئالاقە نۇقتىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، جايلار ۋە ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن باشلامچىلىق بىلەن ئالاقە نۇقتىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى ھەم قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېتنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش، تېلېفون ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلەش، خەت يېزىپ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە، رايونلارنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلدى ھەم ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە(رايون)لىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەستايىدىل باھالىدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە(رايون)لەرنىڭ پارتكوم دائىمىي كومىتېتلىرى بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، تۈرلۈك تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئىستىلنى ياخشىلاش روھى بىلەن ئەستايىدىل ھەم ياخشى ئېچىپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى.

  چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، ھەقىقىي تەكشۈرۈش

  قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ چۈنلېي مۇنداق دېدى: قۇتۇبى ناھىيەسى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، قايتا – قايتا ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىشنى باشتىن – ئاخىر بەنزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلدى، بەنزە ئەزالىرىمۇ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ كۆپ قېتىم يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىلىق، ئۆگىنىش يۆنىلىشىمىز ئايدىڭلاشتى، مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش يۆنىلىشىمىز تىكلىنىپ، ياخشى ئۈلگە تىكلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز كۈچەيدى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يىغىندىن بۇرۇن بەنزە ئەزالىرىنى لىن جىلۇ ئىلگىرى خىزمەت قىلغان جاينى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى؛ نىلقا ناھىيەسى ‹‹ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش›› باش تېما سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشانغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى... ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە، رايونلار ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشنى پائالىيەتكە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق مەركەزلىك ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لەنكاۋ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا يېتەكچلىك قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگەندى.

  ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆڭۈلدىكى تۈگۈننى يېشىش، ئىدىيە مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈش، روھنى ئۇرغۇتۇش ئىدىيەۋى ئاساس، كېيىنكى قەدەمدە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، ھەقىقىي تەكشۈرۈش كېرەك.

  ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە، رايونلار ‹‹ئۈچتە قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي بولۇش›› تەلىپى ۋە جياۋ يۈلۇ روھى بويىچە، مەسىلىلەرنى ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆزى تېپىش، رەھبەرلىك كۆرسىتىپ بېرىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، كوللېكتىپ كېڭىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، خىزمەت مەسىلىسى ئىچىدىن شەخسىي مەسىلىنى، ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەر ئىچىدىن خاسلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى، بەنزىنىڭ مەسىلىسىدىن شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، ئاساسىي قاتلامدىكى مەسىلىلەردىن رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، ھەقىقىي تەكشۈردى.

  ناھىيەلەر مەھەللىلەرگە بېرىپ ئاممىنى سۆزلىتىش، ئاممىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاش، ‹‹سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش خاتىرىسى›› تارقىتىپ، ‹‹مەھەللە ئەھۋالى، ئەلرايىنى بىۋاسىتە ئىگىلەش يولى›› ئېچىش قاتارلىق ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق، ساقلانغان ئەمەلىي مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئاممىنىڭ پىكىرلىرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى.

  ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، سەمىمىي پىكىرلىشىش

  سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشتە نېمە تەكشۈرۈلىدۇ؟ قانداق تەكشۈرۈلىدۇ؟ ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە، رايونلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇسۇلى ھەر خىل، ياراتقان ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

  قاراقاش ناھىيەسى ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە تەنقىدلەش پىكرى تىزىملىكى تۈزۈپ، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش، ئەمەلىي مىسال كەلتۈرۈش، ماھىيىتىنى جايىدا بېكىتىشتىن ئىبارەت ‹‹تۆت قەدەملىك خىزمەت ئۇسۇلى››نى قوللاندى؛

  ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئالتە قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، تەكرار پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا تەنقىدلەش پىكرىدىن 293 پارچە تەييارلىدى.

  بۈگۈر ناھىيەسى كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، سۈرەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بەنزە ۋە ئەزالار ئۆزىنى ئۆزى ئۈچ قېتىم ئىنكار قىلىپ، قايتا تەكشۈرۈپ، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كونكرېت ئادەم، نەرسە، ئىدىيەنىڭ ‹‹گىرەلەشمە سۈرىتى››نى تەسۋىرلەپ بەردى؛

  بۇرچىن ناھىيەسى دىققەتنى سىياسىيدا قەتئىي بولماسلىق ۋە ‹‹تۆت ناچار ئىستىل››غا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹قاناس مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت بۇ كوزىر تۇرۇپ، ساياھەتچىلىك نېمە ئۈچۈن زورايمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلققە نەپ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ؟›› دېگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى.

  ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە، رايونلار دىققەت – ئېتىبارىنى سىياسىيدا قەتئىي بولماسلىق ۋە ‹‹تۆت ناچار ئىستىل›› مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا تونۇش جايىدا بولماسلىق، پوزىتسىيە كەسكىن بولماسلىق، خىزمەت ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەمەلىي خەۋپ، گەۋدىلىك زىددىيەت، ئاجىز ھالقىلارنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، كونكرېت ئادەم، ئىش، ئىدىيەگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە روھقا تەسىر كۆرسەتتى.

  ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە، رايونلار بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، كۆپ قېتىم سىردىشىش، چوڭقۇر پىكىرلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارازلىقنى تۈگەتتى.

  يۈزخاتىر قىلماي تەنقىدلەش، مەنبەدىن تۈزەش

  ‹‹بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلىكىگە بولغان تونۇشۇم يېتەرلىك بولمىغاچقا، بىزار بولۇش كەيپىياتى ۋە بىپەرۋالىق ئىدىيەسى پەيدا بولدى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىغاندا، پۈتۈن ناھىيەنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ››.

  ‹‹تىپلارنى تۇتۇش، خاسلىق يارىتىشتا قىزغىن بولۇپ، بىرەر <چوڭ ئىش> قىلىش، <كۆركەم مەنزىرە> بەرپا قىلىش، <يارقىن نۇقتا> يارىتىش ئويىدا بولدۇم، بۇلارنىڭ ھەممىسى شەكىلۋازلىق ئىدىيەسىنىڭ ئىپادىسى››.

  ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە، رايونلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلچە يۈز – خاتىر قىلىنمىدى، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئوچۇق – ئاشكارا بولدى، تەكلىپ بېرىلمىدى، ئارزۇ – ئۈمىد تىلغا ئېلىنمىدى، مەسىلىلەر يۈزتۇرا، ئوچۇق دېيىلدى، ھەتتا بەزى كونكرېت ئادەم، كونكرېت ئىشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  قاتتىق تەنقىدلەشتىكى مەقسەت تۈزەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە(رايون)لىك پارتكوملار بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزەشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سىياسىيدا قەتئىي، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كادىرلاردىن بولۇشقا تىرىشتى.

  ئالاقە نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە(رايون)لىك پارتكوملار سىياسىيدا قەتئىي بولۇش جەھەتتە، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ تارىنى باشتىن – ئاخىر چىڭ تارتىپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداش قاتتىق تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئۇلارغا قەتئىي دەم ئېلىش پۇرسىتى بەرمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىگە يولۇققاندا رەددىيە بەرمىگەن، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن، دوكلات قىلمىغان، ئىغۋاغا ئىشەنگەن، ئىغۋا تارقاتقان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى؛ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش جەھەتتە، ناھىيە(رايون)لىك پارتكوملار پارتكوم يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنى كېڭىشىش قائىدىسى، تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى ۋە تەدبىر بەلگىلەشكە ئىپادە بىلدۈرۈش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىپ، مۇھىم ئىشلاردا ئالدىن تولۇق پىكىر ئېلىپ، ئاممىنىڭ پىكرى ۋە ساداسىغا كەڭ دائىرىدە قۇلاق سېلىپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئىستىلى دۇرۇس بولۇش جەھەتتە، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى ئاساسىي قاتلامغا ئىشلىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش نىزامى››نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇلازىمەتچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلاش، ئاممىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بولۇپمۇ، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كادىرلاردىن بولۇش جەھەتتە، كۆپچىلىكنىڭ تونۇشى يۈكسەك بىرلىككە كەلدى. ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ناھىيە(رايون)لىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسى يىلدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم يۇقىرى سۈپەتلىك دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىردىشىپ كۆڭۈلدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىش، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىدنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ياخشى تۈزۈم، ياخشى چارىلەرنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش؛ مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئۆگىنىش؛ ئەمەل – مەنسەپتە بەسلەشمەي، پارتىيەۋىلىكنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنى ئۆلچەشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىش؛ تۇرمۇشتا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاددىي – ساددىلىقنى ئاساسىي تەلەپ ۋە ئاخىرقى چەك قىلىش؛ ئىدىيە جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دەۋر كۈتۈپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك ئېڭى بىلەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر