- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جاڭ چۈنشيەن نىڭبو شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
2014.06.19 10:04 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 17–ئىيۇن ئۈرۈمچىدە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، نىڭبو شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چى باشچىلىقىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ليۇ چى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتونوم رايونىمىزغا مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلدى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى جىددىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ، يىغىندا تەكىتلەنگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. نىڭبو شەھىرى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە؛ ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە، پاختا بايلىقى مول، ھەر يىلى شىنجاڭ پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان كىيىم – كېچەكنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 7 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. ئىككى تەرەپ بۇ جەھەتتە غايەت زور ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە بولۇپ، بازار ئىستىقبالى پارلاق. نىڭبو شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازارغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن بىرلىكتە توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى مۇنبىرى، يېڭى يارقىن نۇقتىسى ۋە يېڭى ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ليۇ چى مۇنداق دېدى: چېگرا رايوننى قۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز. نىڭبو شەھىرى مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى كۈچەپ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى مۇھىم پورتى بولۇش ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېڭىز ۋە تۆمۈريول تىرانسپورتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹بىر يول، بىر بەلباغ››نى تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جېجياڭ ۋە نىڭبودىكى يەرلىك كارخانىلارنى شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، خۇاڭ ۋېي، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر