خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزا گۈلباغ دېھقانلار ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل ئەتىيازدا 1250 دانە غاز چۆجىسى سېتىۋېلىپ، باغدا يايلىتىپ بېقىشنى سىناق قىلغان ئىدى، نەتىجىدە، باغدا يايلىتىپ باققاندا غاز چۆجىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەم–خەشەك %30 ئەتراپىدا تېجىلىپ، كوپىراتىپ دەسلەپكى قەدەمدە باغدا يايلىتىپ غاز بېقىشىتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى.
سۈرەتتە: 18-ئىيۇن كوپىراتىپ خادىمى غازلارغا دان بەرمەكتە.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى