- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


10 ئۆلكە 2014-يىللىق مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى، كۆپ جايلاردا ئۆرلەش نىسبىتى تۆۋەنلىدى
2014.06.19 02:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا بېيجىڭ شەھىرى كارخانىلارنىڭ 2014-يىللىق مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلدى. جۇڭشىن تورى مۇخبىرىنىڭ تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، 10 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) كارخانىلارنىڭ 2014-يىللىق مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، خېنەن ۋە شىنجاڭنىڭ ئاساسىي ئۆلچەم سىزىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرىچە %15 بولغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، كۆپ جايلاردا مائاش يېتەكچى سىزىقىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا بېيجىڭ شەھىرىدىكى كارخانىلارنىڭ 2014-يىللىق مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلىپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۆسۈشى جەھەتتە، %12 كارخانا ئادەتتىكى سەۋىيە (يەنى ئاساسىي ئۆلچەم سىزىقى)نى ساقلىغان، %16 كارخانا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە (يەنى يۇقىرى چەك ياكى ئاگاھ سىزىقى)غا يەتكەن، %4.5 كارخانا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە (يەنى ئۆلچەمدىن تۆۋەن) دە بولغان. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر