باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەلىرى كۆپەيدى

2014.06.19 02:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تۈنۈگۈن بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى 2014-يىللىق تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىلقى يازلىق توشۇش مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پويىزدا سەپەرگە چىقىشى بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن كۆپ ئازادە بولىدۇ. بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارىدە يولغا چىقىدىغان 512.5 جۈپ پويىز ئىچىدە، پەۋقۇلئاددە تېز پويىز 298 جۈپكە يەتكەن بولۇپ، پويىز ئومۇمىي سانىنىڭ 6/1 قىسمىنى تەشكىل قىلغان.

  بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى مۇنداق كۆرسەتتى، بۇ يىل يازلىق يولۇچى توشۇش 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە جەمئىي 62 كۈن بولىدۇ. يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، بېيجىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى 49 مىليون 600 مىڭ يولۇچى توشۇشنى مۆلچەرلىدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليون 360 مىڭ ئارتۇق بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %5، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 مىڭ كىشىگە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ يىللىق يازلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى بارلىق تۆمۈريول پويىز يۈرۈش ئىسخېمىسىنى تەڭشەش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەلىرى يېڭىدىن ئېچىلدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر