- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 87 سى تەكشۈرۈلدى
2014.06.19 10:37 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
17-ئىيۇن ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، 13-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 87 سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ ، 22-ئىيۇن كۈنىلا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 55 ى بايقالغان .
نۆۋەتتە ، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ‹‹ دۇنيا لوڭقىسى ›› پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ‹‹ تۆت قىلىش ، تۆت قىلماسلىق ›› نى ئەسكەرتكەن . تۆت قىلىش بولسا — پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ، خوشال بولۇش ، قانۇنغا رىئايە قىلىش ، مەدەنىي بولۇش ؛ تۆت قىلماسلىق بولسا — ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك ، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك ، ئاپتوموبىل ھەيدەشتە بەسلەشمەسلىك ، دىققىتى چېچىلغان ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكتىن ئىبارەت .
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر