جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدا ھاۋا ئارمىيەسى 12-پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھاۋا ئارمىيەسى 12-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەر قايسى ۋەكىللەر ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسمان بىلەن زېمىننى قاپلىغان، ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەڭ ھازىرلىغان قۇدرەتلىك خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇش-دەۋرىمىز ھاۋا ئارمىيەسىگە يۈكلىگەن مۇھىم مەجبۇرىيەت، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ زۆرۈر تەلىپى. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش-بۇ تەنتەنىلىك مەجبۇرىيەتنى ئورۇنلاشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ھاۋا ئارمىيە پارتكومى-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھاۋا ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى؛ پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىك روھىنى چىڭ ساقلاش، غايەت، ئېتىقادنى چىڭىتىش، كۈرەش روھىنى يېتىلدۈرۈش، جەڭگىۋارلىقنى ئۆستۈرۈش، پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، دۇرۇس ئىستىلنى نۇرلاندۇرۇشقا يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە نۇقتىلىق كۈچ چىقىرىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچلىك كاپالەت ھازىرلىشى كېرەك.