- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: مەملىكىتىمىزدە 74 مىليون 522 مىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۇبيېكتى بار
2014.06.19 02:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 17-چېسلا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «2013-يىللىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىك تەرەققىياتىدىن ئىستاتىستىكىلىك ئاخبارات»نى ئېلان قىلدى. «ئاخبارات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۇبيېكتى 10 مىليون 972 مىڭ ئائىلە، 20 مىليون 642 مىڭ ئادەم، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۇبيېكتلىرى 29 مىليون 311 مىڭ ئائىلە، 53 مىليون 880 مىڭ ئادەم بولغان.
«ئاخبارات»قا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەردىكى تۆۋەن كاپالەت ئۇبيېكتى 10 مىليون 972 مىڭ ئائىلە، 20 مىليون 642 مىڭ ئادەم بولغان. پۈتۈن بىر يىلدا، ھەر دەرىجىلىك مالىيە شەھەر تۆۋەن كاپالەت مەبلىغىدىن جەمئىي 75 مىليارد 670 مىليون يۈەن ئاجراتقان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.2 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ ياردەم مەبلىغى 54 مىليارد 560 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي چىقىمنىڭ %72.1نى ئىگىلىگەن. 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئۇبيېكتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كاپالەت ئۆلچىمى كىشى بېشىغا ئېيىغا 373 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %13 ئاشقان؛ مەملىكەت بويىچە شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئۇبيېكتلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق تولۇقلىمىسى 264 يۈەن بولغان. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر