باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئىراققا 275 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2014.06.17 13:30   مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

ئوباما ئىراققا 275 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

  ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى

  16-ئىيۇن ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ، ئىراققا 275 نەپەر ھەربىي ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . بۇ 2011-يىلى ئامېرىكا ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، تۇنجى قېتىم ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىشى ھېسابلىنىدىكەن .

  نۆۋەتتە ، ئىراقتا 160 ئامېرىكا ئەسكىرى بار ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 50 نەپىرى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن ، 100 نەپىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن ئەۋەتىلگەن . بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە 100 ئەسكەر ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ، ئىراققا قوشنا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ ، ئوباما ئۇلارنى قاچان چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان .

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پارس قولتۇقىغىمۇ ‹‹ دېڭىز بۈركۈتى ›› ناملىق ئايروپىلان ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ يۈرىدىغان ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇرغان . بۇنىڭدىن بۇرۇن ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئىراقتىكى رادېكال كۈچلەرنى توسۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئىران بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

  كېررى يەنە كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئىراقتىكى رادېكال ئۇنسۇرلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن . بىراق ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنىق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ قورال ئىشلىتىپ ، ئىراقنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇلار يەنە ئىراق ھۆكۈمىتىنى ‹‹ قوللانغان تەدبىرلىرى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ ›› دەپ ئەيىبلىگەن .

  16-ئىيۇن ، ئىراقتىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىراقنىڭ شىمالىدىكى Taylormethod شەھىرىنى ئىگىلىۋالغان ، 200 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بۇ شەھەر ئىراقنىڭ پايتەختىدىن سۇرىيەگە بارىدىغان مۇھىم يول ، شۇنداقلا سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ ، بۇ رايوننى ئىگىلەش رادېكال ئۇنسۇرلارنىڭ داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·دۆلەت 500 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چۈشۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىنى قوللىدى
      ·دۆلىتىمىز ئالىي مەكتەپلىرى مۇستەقىل قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى…
      ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تورۇبا يولىنىڭ C لىنىيەسىدە گاز توشۇش باشلاندى
      ·بېيجىڭ : ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ(1)
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
      ·دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى
      ·شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)
      ·قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى…
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…