باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ جېڭۋېي: ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ كاپىتال بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2014.06.19 02:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي 17-چېسلا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى بىرلىكتە ئاچقان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ كاپىتال بازىرى تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كاپىتال بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ كاپىتال بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ جېڭۋېي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشىش بىلەن بىرگە كاپىتال بازىرى ساغلام بولماسلىق، پۇل مۇئامىلە يار-يۆلىكى يېتەرلىك بولماسلىق، پۇل مۇئامىلە، ئاكسىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالىي كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كەمچىل بولۇشتەك بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر