شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى: 14–ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 2014–يىللىق مەملىكەتلىك A دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» كوماندىسى 4 : 1 نەتىجىدە خېبېي جۇڭجى كوماندىسىنى ئۇتتى. ئىگىلىشىمچە، برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى سەۋەبىدىن مەزكۇر مۇسابىقە 19 – ئىيۇنغىچە توختايدىكەن.
سۈرەتتە: مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنۈش