باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلدى

2014.06.17 02:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان ئارمىيە دائىرىلىرى 15-ئىيۇن مۇنداق دېدى: پاكىستان ئارمىيەسى شۇ كۈنى سەھەردە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى چىقىرىپ، غەربىي شىمالى ۋەزىرىستاندىكى قەبىلە رايونىدا چەتئەل قۇراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ بازىسىنى بومباردىمان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېررورچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دىن كۆپرەك قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلىدى.

  پاكىستان ئارمىيە تەرەپ شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: بومباردىماندا 50 دىن كۆپرەك قۇراللىق ئۇنسۇر ئېتىپ تاشلاندى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزبېكىستان قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئاز قىسمى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 8-ئىيۇن كاراچى ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان ئۆزبېكىستان قۇراللىق تەشكىلاتىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى ئابۇ رەخمانمۇ بومباردىماندا قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر