باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈتۈنۈش پۇلىدا ئالىي ئۇنۋانلىقلارغا مايىللىشىش سىياسىتى 10 نەچچە يىل يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن توختىتىلدى

2014.06.17 02:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ھەر يىلى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشەلگەندە، ئالىي ئۇنۋانلىقلارغا مايىللاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە كۈتۈنۈش پۇلى قوشۇپ بېرىلىدۇ. بىر قىسىم رايونلاردا بۇ قائىدە 10 نەچچە يىل داۋام قىلدى. يېقىنقى كۈنلەردە، مۇخبىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كۈتۈنۈش پۇلىدا مايىللاشتۇرۇش سىياسىتى توختىتىلىدىكەن.

  كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۇنۋانغا مايىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىلدى

  شەھەر ئاھالىسى يۈ ئەپەندى بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشىگەندە، سىياسەت جەھەتتە ئالىي ئۇنۋانلىقلارغا مايىللاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بايقىدى.

  مۇخبىرنىڭ بەزى تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل جايلاردىكى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشكە قارىتا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يېتەكچى پىكىرنى چىقىرىپ، جايلار تەڭشەش ئېلىپ بارغاندا تۆۋەن كىرىملىك ئامما ۋە چوڭ ياشلىقلارغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇش ھەمدە چوڭراق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى جايلاردا ئالىي ئۇنۋانلىقلارغا ئايرىم سىياسەت يولغا قويۇشنى يەنە تەلەپ قىلمىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل بىر قىسىم رايونلار كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشىگەندە، ئالىي ئۇنۋانلىقلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ئايرىم ئۆستۈرۈپ بەرمىگەن. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر