خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇكۈنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايون پارتكومى، ھۆكۈمەت كۆكخودتا ھال سوراش، ئۇزۇتۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، لىۋىيەگە تىنچلىق ساقلاشقا بارىدىغان «جۇڭگو كۆك قالپاق» ئىككىنچى تارماق ساقچى ئەترىتىنى ئۇزىتىپ قويدى . بۇ ئەترەت ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك چېگرا مۇداپىئە باش ئەتىرىتىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان، 70 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوفىتسېر - ئەسكەر ئىككى ئايلىق كۈچلۈك مەشىق ئارقىلىق ، قورال ئىشلىتىش، تىل ۋە خەلقئارا قانۇن، دالادا ياشاش، ئۇرۇش مەيدانىدا قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق 40 نەچە خىل دەرس سىنىغىنى تاماملىدى ، بارلىق خادىملار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تاللاپ باھالىشىدىن ئوڭۇشلىق ئۆتۈپ، لىۋىيەگە بەلگىلەنگەن ۋەزىپە رايونىغا بېرىپ تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئالدىدا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى