باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ساسۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2014.06.16 01:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئىيۇن خەلق سارىيىدا كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ساسۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ۋە ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ماختىدى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشغا تۇرتكە بولۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بەل باغلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كونگو ھۆكۈمەت، پارلامېنت ۋە پارتىيەلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي ئىشەنچىسىنى، ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زور مەسىلىلەردىكى ئالاقىسىنى ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا تۈزۈلمىنىڭ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، بىر-بىرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئارقىلىق كەم-كۇستىلىرىنى تولۇقلاپ ۋە يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، نېفىت، ئىناۋەتلىك قەرز قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ھەمكارلىق رامكىسىدىكى تۈرلەرنى داۋاملىق ياخشى ئېلىپ بېرىپ، يېڭى ھەمكارلىق قېلىپى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سالغان بانكا ۋە كونگو تەرەپنىڭ تۆمۈر يول، پورت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە خادىملارنىڭ ئالاقىسى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  سانسۇ مۇنداق دېدى: كونگو دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش يولىدا تىرىشماقتا. مەن جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، بىر يۈرۈش ھەمكارلىق تۈرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كونگو جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كونگونىڭ كالىي تۇز بايلىقىنى ئېچىش، ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. كونگو جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىشلىرىدا ئالاقىلىشىشنى ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشىنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئىقتىساد-سودا، ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە، بانكا ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقى دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا سانسۇنىڭ شەرىپى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر