باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەندە ئاز دېگەندە 20 مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، سۆھبەتتىن كېيىن ئۆزگەرتمىگەنلەر بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، جازالىنىدۇ

2014.06.17 02:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: «سۆھبەت» كۈنسېرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان سۆز بولۇپ قالدى. بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئاز دېگەندە 20 مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتتا «سۆھبەت» قانات يايدۇرۇلغان.

  6-ئاينىڭ 12-كۈنى مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە «تۆت خاھىش»قا ئالاقىدار گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئورۇنلارنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن باشقا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن گوۋۇيۈەن تارماقلىرى سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئاشكارا خەۋەرگە ئاساسەن ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ 25 تارمىقى ئىچىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئاز سانلىق مىنىستىرلىقلاردىن باشقا، ئاز دېگەندىمۇ 20 مىنىستىرلىقتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.

  سۆھبەتتىن كېيىن ئۆزگەرتمىگەنلەر بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، جازالىنىدۇ

  نۇرغۇن رەھبىرىي كادىرلار سۆھبەتتە ئىرادە بىلدۈرۈپ، سۆھبەتتىن كېيىن ئۆزگەرتىش باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆھبەت چارىسىدە، سۆھبەتتىن كېيىنكى ئۆزگەرتىش سۈرۈشتۈرۈشكە باغلىنىدۇ. «خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن سۆھبەتلىشىش چارىسى»دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلىندى، سۆھبەت ئوبيېكتىنىڭ ئۆزگەرتىش -ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئۈنۈم باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش؛ ئۆزگەرتىش تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىرىگە تەنقىدىي تەربىيە بېرىش ھەمدە سۈلۈك ئىچىدە ئۆزگەرتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش. سۆھبەت ئوبيېكتلىرىدىن قانۇن ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ چارىسىدە، ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ۋە تەرتىپكە ئاساسەن، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئىنتىزام جازاسى بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر