باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساقچى ياردەمچىسى شىرئەلى ھېبى ئادەم قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولدى(1)

2014.06.12 22:34   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ساقچى ياردەمچىسى شىرئەلى ھېبى ئادەم قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولدى(1)

  11-ئىيۇن سائەت 15:00 ئەتراپىدا، كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسى تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ «قۇتقۇزۇڭلار !» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ساقچىسى پەن يىفەن ۋە كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش موداپىئە چوڭ ئەترىتىدىكى ۋاڭ خەنلۇڭ، ياردەمچى ساقچى ۋاڭ جيې، قۇربان تۇرغۇن ۋە شىرئەلى ھېبى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دەرياغا سەكرەپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر ئەر، بىر ئايالنى قۇتقۇزۇۋالدى. قۇتقۇزۇش جەريانىدا كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش موداپىئە چوڭ ئەترىتى 1–ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچى ياردەمچىسى، 24 ياشلىق شىرئەلى ھېبى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولۇپ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

  شەھەر ئاھالىسى ۋېن شۆجۈن ئادەم قۇتقۇزۇش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «سائەت 15:00 لەردە، قۇتقۇزۇڭلار، دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قارىسام، ئىككى كىشى سۇدا ئېقىپ كېتىۋېتىپتۇ، شۇ ئەسنادا ئۇچىسىغا ساقچى فورمىسى كىيگەن ئىككى كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ سۇغا سەكرىدى.كەينىدىنلا يەنە بىر نەچچە ساقچى سۇغا سەكرەپ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى كىشىنى قىرغاققا ئېلىپ چىقتى، ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەرمۇ قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى، ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈش تولىمۇ تەسىرلىك».

  سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى، نەق مەيداندىكى ساقچىلار شۇ چاغدىلا قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بىر سەپدىشىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدى. كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش موداپىئە چوڭ ئەترىتى 1–ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ساقچى ياردەمچىسى شىرئەلى ھېبى شۇ سۇغا سەكرىگىنىچە قايتا يېنىپ چىقمىغانىدى.

  ئادەم قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ساقچى رېھىمجان يۇنۇس مۇنداق دېدى: «سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىككى مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتتۇق، ئىككى كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن، سەپدىشىمىز شىرئەلى ھېبىنىڭ يوقلۇقىنى بايقاپ ئۇنى ئىزدىدۇق».

  مۇناسىۋەتلىك خادىملار كاتېرغا ئولتۇرۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تەكرار ئىزدىدى. ئەمما سۇ چوڭقۇر بولغاچقا ئىزدەش ئىنتايىن قىيىنغا چۈشتى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار كۆنچى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ توسمىسىنى ئەتكۈزدى ھەم ئاپتاپپەرەس كۆۋرۈكىنىڭ يېنىدىكى توسمىنى ئېچىپ سۇنى قويۇۋەتتى، ئىككى سائەتتىن كېيىن سۇ ئورنى 60 ~ 70 سانتىمېتىرغا تۆۋەنلىگەندە، 30 نەچچە ساقچى سۇغا چۈشۈپ، قاتار تىزىلىپ، شىرئەلى ھېبى يوقاپ كەتتى دەپ پەرەز قىلغان دائىرىنى ئىزدىدى، شۇ چاغدا قىرغاقتىكى سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇغا چۈشۈپ ئىزدەشكە ياردەملەشتى، سائەت 18:17 دە ساقچىلار شىرئەلى ھېبىنىڭ جەسىتىنى تاپتى.

  شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش، موداپىئە چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى : شىرئەلى ھېبىنىڭ خىزمەتكە قاتناشقان تۆت يىلدىن بۇيان خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ چىقىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، بىز مۇشۇنداق سەپدىشىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز.

  سائەت 18:30 دا، ساقچىلار كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا شىرئەلى ھېبىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ كۆنچى دەرياسى قىرغىقىدىن ئايرىلدى. نەق مەيداندىكى كىشىلەرمۇ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا: شىرئەلى ھېبى ھەقىقىي قەھرىمان، دېيىشتى.

  ساقچىلارنىڭ دەسلەپكى ئىگىلىشىگە قارىغاندا، قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئەرنىڭ فامىلىسى ساۋ ئىكەن، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايال ئۇنىڭ دوستى بولۇپ، ئۇلار دەريا بويىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز