باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىتالىيە زوڭلىسى رېنزى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.06.12 22:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئىتالىيە زوڭلىسى رېنزى بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كىچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى كومىتېتلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى تىزدىن تۈزۈپ، ئىككى تەرەپلىك سودا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى بولۇپمۇ ئوتتۇرا كېچىك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام بېرىشنى خالايدۇ. ئىتالىيەنىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىگە بولغان چەكلىمىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ، قانۇن كاپالىتى ۋە قۇلايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش؛ پەن تېخنىكا ، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى پەن تېخنىكا ۋە يۇقىرى ئىختىساسلىقلارنى بىرلىشىپ يېتىلدۈرۈش، تەربىيىلەش قاتارلىق ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش؛ مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئىتالىيەنىڭ 2015-يىلى ئۆتكۈزىدىغان مىلان دۇنيا كۆرگەزمىسى قوللايدۇ ۋە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.

  رېنزى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا، ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى، يېمەكلىك، پەن تېخنىكا، شەھەر بازارلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقى دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا رېنزىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زوڭلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا، ئېنېرگىيە، ئاۋىئاتسىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا شاھىد بولدى. سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى دۆلەت زوڭلىلىرى يەنە مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر