باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاشقى پرۋوتتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

2014.06.12 23:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تاشقى پرۋەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 11-ئىيۇن مۇنداق دېدى: تاشقى پرۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ ئاچقان قانۇنسىز تاشقى پرۋوت ئېلىپ سېتىش قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2014-يىلى ھەر دەرىجىلىك تاشقى پرۋوتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى داۋاملىق ھەمكارلىق مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋاسىتىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر تاشقى پرۋوتتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە چېتىلىدىغان ئىقتىساد پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2013-يىلى ھەر دەرىجىلىك تاشقى پرۋوتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يېقىندىن ماسلىشىپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز تاشقى پرۋوت ئېلىپ سېتىش قاتارلىق تاشقى پرۋوتتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتتىن 40تىن كۆپرەكنى مۇۋەپپىقىيەتلىك پاش قىلدى، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان پۇل 50مىليارد يۈەن بولۇپ، نەق مەيداندا يۈزدىن ئارتۇق جىنايەتچى قولغا ئېلىندى، خىزمەت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تاشقى پرۋوتتىكى قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەھدىت پەيدا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر