باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقنىڭ 2-چوڭ شەھىرى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىندى

2014.06.12 22:50   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئىراقنىڭ 2-چوڭ شەھىرى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىندى

  11-ئىيۇن ئىراقتىكى رادىكال تەشكىلات ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى نېنىۋى ئۆلكىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. (ۋىدېيودىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت)

  ئىراقنىڭ نېنىۋى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى 2-چوڭ شەھىرى ماۋسۇردىن كېيىن، سالاھىدىن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تىكلىت 11-ئىيۇن ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم ئىگىلىنىۋېلىندى. خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ 500 مىڭ ماۋسۇر ئاھالىسىنىڭ يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇندىن باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا تۈركىيەنىڭ نەچچە ئون دىپلوماتى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، فاللۇجى شەھىرى بىلەن رەمادىنىڭ بىر قىسىم رايونىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق تەشكىلات بىلەن ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك جەڭ بولۇپ، زور ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرى يۈز بەردى. ماۋسۇر بىلەن تىكلىتنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قول كېتىشى بىلەن ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى يەنىمۇ يامانلاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…
      ·بىرقانچە تارماق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇر…
      ·مەملىكەت بويىچە ئاتا ئانىسى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن 56 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قەھرىمانلىق يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىم ئىمتىھان ئالماقچى
      ·ئىككى ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن قاتىل بىلەن ئېلىشىپ يارىلاندى
      ·مەركەز مالىيەسى 2014-يىللىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مەبلىغىد…
      ·پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا ماڭدۇق(1)
      ·مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 9 مىليون 390 مىڭ ئادەم قاتناشتى(1)