باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىتالىيە زوڭلىسى رېنزى بىلەن كۆرۈشتى

2014.06.12 22:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئىيۇن خەلق سارىيىدا ئىتالىيە زوڭلىسى رېنزى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئەنئەنىۋى دوستلار، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. ئۆز ئارا زوقلىنىدۇ ۋە ئەينەك قىلىدۇ. ماركوپولو، رىسسى شەرق غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق نۇقتىنەزەردىن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر بىرىنى چۈشىنىپ، قوللاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات قارىشى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، 2015-يىلىدىكى مىلان دۇنيا كۆرگەزمىسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل شەھەر بازارلاشتۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش؛شەكلى كۆپ خىل بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. يەرلىك بىلەن ئەل ئارىسى ئالاقىسى ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، زور خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  رېنزى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى ۋەزىيەتتە ئىتالىيە ماركوپولو ، رىسسىلەرنىڭ زور جاسارىتى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى روھىنى ئۈلگە قىلىپ، ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد سودا، مەبلەغ سېلىش، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىتالىيە ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى ئاۋۋالقىدەكلا پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردا جۇڭگو بىلەن ئۆز ئارا قوللىشىدۇ ۋە ماسلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر