باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز «ئۈچ خىل مەھسۇلات بىر ئۆلچەم»نى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

2014.06.12 23:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ زىيانسىز دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك دېھقانچىلىق مەھسۇتلىرى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن مەھسۇلاتلارنىڭ يىللىق مىقدارى شۇ تۈردىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تاۋار مىقدارىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بېكىتىلگەن تېرىقچىلىق يىرى پۈتۈن مەملىكەت تېرىلغۇ يېرىنىڭ %45تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىمىز بۇنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدۇ.

  مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى چىن شاۋخۇا مۇنداق دېدى: ھازىر كۆكتات، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %96تىن كۆپرەكنى ساقلىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن بىخەتەر بولۇپ، تەدرىجىي ياخشىلانغان. كېلەر قەدەمدە يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقى «ئۈچ خىل مەھسۇلات بىر ئۆلچەم»نى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بازارغا كېرىش شەرتى ۋە گۇۋاھنامە ئالغاندىن كېيىنكى نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنى گەۋدىلىك ئۆستۈرىدۇ. مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان يەر مۇھىتىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. نازارەت قىلىش تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساختا «ئۈچ خىل مەھسۇلات بىر ئۆلچەم»دىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. «ئۈچ خىل مەھسۇلات بىر ئۆلچەم»دە سۈرۈشتە قىلىش باشقۇرۇش ۋە سەمىمىيەت دەرىجىسى بويىچە باشقۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چېكىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشەنچىسىز كارخانىلارنى شاللىۋېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر