باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گىڭ يەنشىڭ ئامېرىكىنىڭ «جۇڭگونىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تەرەققىيات دوكلاتى» توغرىسىدا توختالدى

2014.06.12 23:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گىڭ يەنشىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ 2014-يىللىق «جۇڭگونىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تەرەققىيات دوكلاتى» توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا 2014-يىللىق «جۇڭگونىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تەرەققىيات دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو ھەربىي تەھدىتى»، «جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى ئېنىق ئەمەس» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن داۋاملىق مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىستراتىگىيەسى، ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا خالىغانچە باھا بەردى، تەيۋەن مەسىلىسى، بوشلۇق ۋە تور بىخەتەرلىكى، شەرقىي دېڭىز مۇداپىئە پەرق ئېتىش رايونى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگونى ئەيىبلىدى. جۇڭگو بۇنىڭدىن كۈچلۈك نازارى ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  گىڭ يەنشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دوكلاتىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە يېڭىچە ھەربىي مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئارمىيەلىرى بىلەن سۆزلىشىش ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەنىڭ ئەمەلدارلىرى پات-پات جۇڭگونى ئاشكارا ئەيىبلىدى، ئامېرىكىنىڭ ئەدىلىيە مىنستىرلىقى پاكىت ئويدۇرۇپ جۇڭگو ھەربىيلىرىنى ئەيىبلىدى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىزچىل يۈكسەك دەرىجىدە جۇڭگونى يېقىن ئارلىقتىن رازۋېدكا قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە ئىشىنىشىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ۋە يېڭىچە ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا خىلاپلىق قىلغانلىق. بىز ئامېرىكىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى دەۋەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر