- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىزنىڭ چەتئەل ساياھىتى بىلەن ئىستېمال سۈرئىتى پۇقرالىشىش ۋە كۆپ خىللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى
2014.06.12 23:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات يۇرتى يېقىندا ئېلان قىلغان جۇڭگو چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش تەرەققىياتىنىڭ 2014- يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى 1- چوڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلار مەنبەسى بازىرى ۋە 1-چوڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئىستېمال دۆلەتلىك ئورنى يەنىمۇ مۇقىملاشقان؛ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلار 98 مىليون 190 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشقان؛ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئىستېمالى 128 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.8 ئاشقان.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: ئېلىمىزنىڭ چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجى بىلەن ئىستېمال سۈرئىتى پۇقرالىشىش ۋە كۆپ خىللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. چېگرىدىن چىقىدىغان ساياھەت مەنبەسى1-سەپتىكى شەھەرلەردىن دېڭىز ياقىسى رايونلىرى ۋە 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەر ئاممىسى ۋە ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا قاراپ بۇرۇلۇش ياسالدى. تەخمىنەن %70 ساياھەتچى ئۆز ئالدىغا ساياھەتكە چىقىدۇ. ئوتتۇرھال باھالىق يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلار ئۇلارنى جەلپ قىلىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ سېتىۋالىدىغان بۇيۇملىرى ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان،ھەممىباب نەرسىلەر بولدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى ئېلىمىزدە چېگرىدىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلار تىز سۈرئەتتە ئېشىپ، 114 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 16ئاشقان، ساياھەت خىراجىتى 140 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر