- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ
2014.06.12 23:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى 6-ئايدىن11-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئورمانچىلىقتا ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئورمان ئۆسۈملۈكلىرى يېڭى سورتى ھوقۇقىغا خىلاپ قىلمىشلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە،مەخسۇس ھەرىكەتتە ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلىش، قانۇنغا خىلاپ، ساختا قىلمىشلار ئۈنۈملۈك چەكلىنىدىكەن؛ ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى بازىرى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، سورت ھوقۇقى ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى قوغدىلىدىكەن؛ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىلىپ، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈش، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداش ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرىلىدىكەن.
مەخسۇس ھەرىكەتتە زەربە بېرىش دائىرىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: سورت ھوقۇقى ئىجازىتىگە ئېرىشمىگەنلەر؛سودىنى مەقسەت قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ھوقۇقى بېرىلگەن سورتلارنىڭ كۆپىيىش ماتېرىيالى؛ ساختا ھوقۇق بېرىلگەن سورتلار ياكى سېتىش ھوقۇقى بېرىلگەن سورتلارنىڭ رويخەتكە ئېلىپ تىزىملىغان ئىسمىنى ئىشلەتمەسلىك قىلمىشلىرى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر