- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ب د ت ئىراق قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ تۈركىيە دىپلوماتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى
2014.06.13 00:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 11-ئىيۇن شۇ كۈنى ئىراقنىڭ ماۋسۇردىكى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ تۈركىيەلىك دىپلوماتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەپ، تۇتقۇن قىلىنغان دىپلوماتلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
بان كىمون سۇ كۈنى 68-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا تېررورلۇقنىڭ يامرىشىغا ياردەم بېرىدىغان شارائىتلارنى تۈگىتىش توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا ئىراق ھۆكۈمىتىنى، مەزكۇر رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قاتىلنى قانۇن تورىغا ئىلىشقا ھەمدە بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ تۇتقۇن قىلىنغان دىپلوماتلارنى تېزدىن بىخەتەر قۇتۇلدۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر