- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا ئىراققا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بەرمەكچى
2014.06.13 00:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 11-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، ئىراقنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئىراق ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بەرمەكچى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىراقنىڭ مۇقىملىقىغا ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەھدىت سالماقتا، ئامېرىكا ھەر قانداق ياردەملەرنى بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى، 6-ئىيۇندىن باشلاپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق تەشكىلاتى بىلەن ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان كەسكىن توقۇنۇشتا، ئېغىر ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرى يۈز بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر