باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو تاشقى ئاتموسفېرانى قوراللاندۇرۇش ۋە تاشقى ئاتموسفېرا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرىدۇ

2014.06.13 00:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋېنادىكى ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چىڭ جېڭيې 11-ئىيۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئاتموسفېرادىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تاشقى ئاتموسفېرانى قوراللاندۇرۇش ۋە تاشقى ئاتموسفېرا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرىدۇ، تاشقى ئاتموسفېرا ھەرىكىتىگە ئالاقىدار قىبلىنامىسىگە باراۋەر قاتنىشىشنى پرىنسىپ قىلىپ، تاشقى ئاتموسفېرا ئاساسىي پرىنسىپنى يېتەكچى قىلىش كېرەك.

  چىڭ جېڭيې يەنە جۇڭگونىڭ بۇ ساھەدىكى تېخنىكا تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ، ئادەملىك ئالەم كېمىسى، يەتىكەن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپلىگەن ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىپ، ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ھاۋا رايى، دېڭىز ئوكيان، ئاپەتنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇھىتنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە قوللاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2015-يىلى جۇڭگو يېڭى بىر ئەۋلاد يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىپ، يەتىكەن سىستېمىسىنىڭ 3-باسقۇچلۇق تور قۇرۇلۇشىنى باشلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر