خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ سۆز قىلماقتا
12-ئىيۇن، خەلق گېزىتى تېرمىنالى كەڭ جامائەتچىلىككە رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ تاراتقۇ ئىسلاھات ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ بىلەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تاراتقۇنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىشىدىكى مۇھىم قەدىمى ھېسابلىنىدىكەن.
مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلىشىش رەھبەرلىك گورۇپپىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى، دۆلەتلىك ئىنتېرېنت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ ۋېي، خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ، دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جياڭ جيەنگو، خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باش مۇھەررىرى لى باۋشەن ھەمدە سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى، جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرى خەلق گېزىتى تېرمىنالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە 2014-يىللىق كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىنتېرېنت تور تەرەققىيات يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ خەلق گېزىتى تېرمىنالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.