باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى دۇنيا لوڭقىسى پوتبۇل مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ

2014.06.12 23:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پوتبۇل مۇسابىقىسى 13-ئىيۇندىن 13-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ يىلقى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ساقچى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق قاتناشقا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى پۇتبول مەستانىلىرىنى پۇتبول مۇسابىقىسى شادلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن تەڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگىمۇ دىققەت قىلىشنى سەمىگە سالىدۇ.

  بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو 11 سائەت پەرقلىنىدۇ، بۇ يىل دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاساسىي جەھەتتىن يېرىم كېچە ۋە سەھەرگە مەركەزلەشكەن، مېھمانخانا، رېستوران ، قاۋاقخانا، ئاشخانا، شەھەر مەيدانلىرى قاتارلىق سورۇنلاردا پۇتبول مەستانىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ مۇسابىقە كۆرۈدىغان ئەھۋال كۆپىيىدۇ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش، چارچاپ ماشىنا ھەيدەش قاتارلىق قاتناشقا خىلاپ ھەرىكەتلەرمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قارىتا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى پۇتبول مەستانىلىرىدىن بىرىنچىدىن، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىمەسلىك؛ ئىككىنچىدىن، چارچاپ ماشىنا ھەيدىمەسلىك؛ ئۈچىنچىدىن، قېيىداپ ماشىنا ھەيدىمەسلىك؛ تۆتىنچىدىن، زېھنىنى چېچىپ ماشىنا ھەيدىمەسلىكىنى سەمىگە سالىدۇ.

  پۇتبول مەستانىلىرى ئۆز ئارا سەمىگە سېلىپ ئۆز ئارا نەسىھەت قىلىشى، قاتناشقا، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىدا توسۇشى كېرەك. كۆپچىلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەندە خۇشال خۇرام كۆرۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، مەدەنىي كۆرۈش، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى تەرتىپىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر