باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا كان ئېچىش بىلەن مۇھىت ئاسراشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

2014.06.13 01:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كان بايلىقى مول، لېكىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناھايىتى ئاجىز، يېشىللىق، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئاران %14.95 كېلىدۇ. بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. جىددىي تەرەققىيات ئارزۇسى بىلەن ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش-شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكى دۇچ كەلگەن بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى.

  ئۇزۇندىن بۇيان يىرىك ئېچىش ئەندىزىسى پەيدا قىلغان شىنجاڭنىڭ كان بايلىقىنى ئېچىشتا مۇھىت بۇلغاش، ئىسراپچىلىق ئېغىر بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئالدىن بۇلغاش، ئارقىدىن تۈزەشتەك كونا يولدا قەتئىي ماڭمايمىز، ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانىلارنى جەلپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار قېزىش تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش قارىشىنى قوللىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر تۈرلەرنىڭ ئىجازەتلىك كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش كۈچىنى كۈچەيتىمىز دېدى.

  شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېشىل كانلارنى يەنىمۇ قۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 5-ئايدا شىنجاڭدىكى 27 كانچىلىق كارخانىسى شىنجاڭ يېشىل كان قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنى بىرلىكتە قۇرۇدى. شىنجاڭ كانچىلىق بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى جاڭ جىمىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، جايلارنىڭ تەبىئىي مۇھىت پەرقى بەك چوڭ، بۇندىن كېيىن، شىنجاڭ يېشىل كان قۇرۇشتا، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىناق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر