باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق پارتىيەنىڭ رەھبىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

2014.06.13 00:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا تاسادىپىي ئارقىدا قالغان، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى كانتو 11-ئىيۇن 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن كانتو 10-ئىيۇن ۋىرگىنىيە شتاتىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى سايلامدا ئىقتىسادشۇناس داۋىد بۇرات تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغانلىقتىن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ھەيرانلىق پەيدا قىلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىم كانتونىڭ مەغلۇپ بولۇشى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ئېغىر زەربە بولىدۇ، ھەتتا يەنە ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە بازىرىغا ئۇزاق مەزگىللىك تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ پېشقەدەم ئەزاسى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى قاتارلىق تېمىلاردا ۋول كوچىسىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر