گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى ماتتىئو رىنزى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئىتالىيە كارخانىچىلىرى كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىتالىيە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە، ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرى كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگو ئىتالىيە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. جۇڭگونىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش، شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىر مىليارد 300مىليون نوپۇسقا ئىگە غايەت چوڭ بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى داۋاملىق قويۇۋېتىلمەكتە. ئىتالىيە ياسمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت، پىشىپ يېتىلىگەن تېخنىكا، ئىنچىكە قول ھۈنەر سەنئەت، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ مەنپەئەت بىرىكىشى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە، ھەمكارلىق بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭەيمەكتە.
لى كېچياڭ ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەزىيەتكە بېقىپ، بىر-بىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، 3-تەرەپنىڭ بازىرىنى بىرلىكتە ئېچىپ، كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى بىرلىشىپ يارىتىشىنى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كارخانىلارغا تېخىمۇ ئادىل، مۇقىم سودا مۇھىتى يارىتىپ، ھەمكارلىقتا داۋاملىق يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۇزاق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.