باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتە قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى چوڭقۇر تۈزەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى

2014.06.12 23:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشىكتىن كىرىش، يۈزىگە قاراش، ئىش بېجىرىش، دېلو تۇرغۇزۇش، ئەرز قىلىش، ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ۋە ئادەمگەرچىلىك، مۇناسىۋەت، پۇل سودىسىدىن ئىبارەت تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسى سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.

  مۇخبىرنىڭ 11-ئىيۇن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئالتە قىيىن بولۇش ئۈچ دېلوسى مەسىلىسىنى چوڭقۇر تۈزەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن ئەدلىيىدە خەلقنى كۆزلەش، ئەدلىيىنى ئادىل يۈرگۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئەرز قىلىش مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: ئەرز قىلىش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرز قىلىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئەرز قىلىش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى ۋە ئەرز قىلىش كۈتۈۋېلىش تەلىپىنى يەنىمۇ چىڭىتىشتىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا يەنە توردا ئەرز قىلىش مۇلازىمىتى تەسىس قىلىش ۋە 12368 قىزىق لىنىيە تېلېفونى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنى تۈرلۈك ئەرز قىلىش ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە قۇلايلىق يارىتىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر