باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ ئىتالىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

2014.06.12 23:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئىتالىيە زۇڭلىسى ماتتىئو رېنزى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، زۇڭلى ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگودىكى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگو ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرماقتا، ئىتالىيەمۇ بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھازىرقى ياخشى ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىتالىيە پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات قىلىش قانۇن چىقىرىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ دوستلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر