باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

2014.06.12 23:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. باياناتچى فەن لىچىڭ يىغىندا تەينەن شەھىرىنىڭ باشلىقى لەي چىڭدېنىڭ شاڭخەيدە زىيارەتتە بولغاندا «تەيۋەننىڭ كەلگۈسىنى 23 مىليون كىشى بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە باھا بەرگەندە مۇنداق دەپ قايتا تەكىتلىدى: چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن بىرلىككە كەلمىگەن بىلەن، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى پارچىلانمىغان، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىدەك ئەمەلىيەت ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى، ئىككى قىرغاق دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئەمەس. جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە چېتىلىدىغان ھەرقانداق مەسىلىنى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقى بىرلىكتە قارار قىلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىگە قاراتقان سىياسىتىمىز ئېنىق، ئىزچىل، بىزنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۈيقەستىگە قارشى مەيدانىمىز مۇستەھكەم، تەۋرەنمەس. تەيۋەنلىك ئەربابلارغا قارىتا، كىم بولۇشىدىن، بۇرۇن نېمىلەرنى تەشەببۇس قىلغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ھازىر ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا قوشۇلسا، ئۇنى قوللىسا ۋە قاتناشسا، چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىشنى خالىسا، بىز ئۇنىڭغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايمىز. بىز تەيۋەندىكى پارتىيەلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ بەختىنى ئەلا بىلىپ، پائال، توغرا چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىز بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر