خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئىيۇن، يىڭلاكنىڭ باڭكوكتىكى بىر چوڭ تاللا بازىرىنى ئارىلاپ يۈرگەن سۈرەتلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ يىڭلاكنىڭ ھەربىي تەرەپتىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرۈنۈشى ھېسابلىنىدۇ. تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغان سابىق زۇڭلى يىڭلاك 1-ئىيۇن فەيسبۇك (facebook) تا ئۆزىنى قوللىغان ۋە كۆڭۈل بۆلگەن ئاممىغا تەشەككۈر ئېيتقان. يىڭلاك ھوقۇق تارتىۋالغان ھەربىي دائىرىلىرى توغرىسىدا سۆز ئاچمىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە ھازىرقى ھالىتى توغرىسىدىمۇ گەپ قىلمىغان. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى