باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىيدا مۇستەھكەم، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ–قۇۋۋىتى تولۇق كادىرلاردىن بولايلى

2014.06.10 02:45   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىيدا مۇستەھكەم، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ–قۇۋۋىتى تولۇق كادىرلاردىن بولايلى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 7 – ئىيۇن قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە ئىككى يېرىم كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ يىغىنغا يېتەكچىلىك قىلدى شۇنداقلا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سىياسىيدا مۇستەھكەم ، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھىن ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى تولۇق كادىرلاردىن بولۇشى كېرەك.

  شۇجى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلدى، ماتېرىياللارنى بىر كېچە ئىككى كۈندۈز كۆرۈپ چىقتى

  قۇتۇبى ناھىيەسى جاڭ چۈنشيەننىڭ 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى ئالاقە نۇقتىسى. جاڭ چۈنشيەن قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئەھمىيەت بەردى، جاڭ چۈنشيەن 3 – ئىيۇن پۈتۈن بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ يېزا، مەھەللە، كارخانا ۋە كۆزنەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ‹‹ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ 3 – ئىيۇن يەنە جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەخسۇس يېتەكچىلىك يىغىنى ئېچىلىپ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈش ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پائالىيەتنى يەنىمۇ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئالاقە نۇقتىسىنىڭ يېتەكچىلىك، ئۈلگىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى؛ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، جاڭ چۈنشيەن ئىككى كۈندۈز، بىر كېچە ۋاقىت ئاجرىتىپ، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ سېلىشتۇرما تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، تۈزەش لايىھەسى قاتارلىق ناھىيەنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى.

  ئۆزىنى ئانالىز قىلغاندا دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈلدى، ئۆزئارا تەنقىدلەشتە يۈز – خاتىر قىلماي ئەمەلىي بولۇندى

  قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسىدىكىلەرنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى 6 – ئىيۇن يېرىم كۈن ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىغان چاغدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى كوللېكتىپ ئۆگىنىلدى. قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ چۈنلېي بەنزىگە ۋاكالىتەن بەنزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بەنزىنىڭ سېلىشتۇرما تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا بىرمۇبىر پىكىر بايان قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن 7 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن قۇتۇبى ناھىيەسىگە كېلىپلا ئۇدۇل يىغىن مەيدانىغا بېرىپ، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. زېڭ چۈنلېي ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ سېلىشتۇرما تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ئارقىدىنلا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئۆزلىرىنى بىر – بىرلەپ چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەنقىدلەش ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىدلەشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى.

  ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، سىياسىيدا مۇستەھكەم بولماسلىق ۋە ‹‹تۆت ناچار ئىستىل››جەھەتتە ساقلانغان 68 گەۋدىلىك مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ ئوتتۇرىغا قويدى. ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى تېپىپ چىقىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنىڭ بەش چوڭ نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىدىكى 14 يولداش (شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان ئۈچ كىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۆزلىرىنى بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى. كۆپچىلىك سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇش مەسىلىسى ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››نى مەركەز قىلىپ تەكشۈردى ۋە ئانالىز قىلدى، ئىدىيە ۋە خىزمەت جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى يوشۇرماي، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەي، ئۆزىنى ئۆزى تەنقىدلەشتە يۈزى چۈشۈشتىن قورقماي، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويدى. بەزى يولداشلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم نەزەرىيەۋى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىنتىلمىگەنلىكىنى؛ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، قۇتۇبى ناھىيەسى شىمالىي شىنجاڭغا جايلاشقان، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇدا مۇقىم بولۇپ كەلدى، كۆپ ۋەقە كۆرۈلمىدى دەپ قاراپ، بىخەستەلىك ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش ئويىدا بولغانلىقىنى ئېيتتى؛ بەزى يولداشلار ئۆزلىرىنىڭ نەتىجە قۇرۇلۇشى، ئوبراز قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا چوڭ تۈرلەرنىلا جەلپ قىلىشتەك مەنپەئەتپەرەسلىك ئىدىيەسىدە بولۇپ، مۇھىت سىغىمچانلىقى، سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈشچانلىقى قاتارلىق ئوبيېكتىپ ئامىللارنى نەزەردە تۇتمىغانلىقىنى ئېيتتى؛ بەزى يولداشلار ئۆزلىرىدە ئەمەلدارلىق كىبىرى بارلىقىنى، ئاممىغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ، كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى، ھەر مىللەت ئاممىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىيالمىغانلىقىنى ئېيتتى؛ بەزى يولداشلار پاك – تەلەپچان بولۇش جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويمىغانلىقى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى؛ يەنە بەزى يولداشلار خىزمەتتە نەتىجە يارىتىشقا ئالدىراپ، زىلزىلە پەيدا قىلىش ۋە باشقىلارنى جەلپ قىلىش قاتارلىقلارغا بەكرەك كۈچەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

  دائىمىي كومىتېتتىكى يولداشلار ئارىسىدا ياخشى نىيەتلىك، سەمىمىي، قىلچە يۈز – خاتىر قىلىنمىغان تەنقىد قانات يايدۇرۇلغانلىقتىن، ھەم يۈزى قىزىرىپ، تەر چىقتى، ھەم غەيرەتكە غەيرەت قوشۇلدى. كۆپچىلىك ئادىل بولۇش ئۈچۈن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىدى، گەپنى ئوچۇق – ئاشكارا ئېيتتى، قىلچە يۈز – خاتىر قىلمىدى، كۈچى ۋە نوپۇزى بارلار بىلەن دادىل تۇتۇشتى. مەسىلەن، بەزى يولداشلاردىكى خىزمەتتە نوپۇزىنى پەش قىلىش، ئىلگىرىلىمەسلىك، قالايمىقانچىلىقتىن قورقۇش ئىدىيەسى؛ بەزىلەردىكى نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ، GDP نى قارىغۇلارچە قوغلىشىدىغان ناتوغرا نەتىجە قارىشى؛ بەزى رەھبىرىي كادىرلاردىكى باشقۇرۇشتا دادىل بولماسلىق، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەش، ياخشىچاق بولۇش ئىدىيەسى؛ بەزىلەردىكى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە مېھماندارچىلىققا بېرىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىمەسلىك ئەھۋالى تەنقىدلەندى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: بۇنداق يۈزتۇرا تەنقىد قىلىش ناھايىتى ياخشى ئىكەن، تەنقىدىي پىكىرلەرنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلالايدىكەنمىز، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئارقىلىق، روھىي دۇنيايىمىز ئويغىتىلدى، قەلبىمىز پاكلاندى، ئىدىيەمىز تازىلاندى، ئىتتىپاقلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى.

  جاڭ چۈنشيەن يولداشلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردى، ئارىلاپ – ئارىلاپ ئەھۋاللارنى سوراپ، پىكىر ئالماشتۇردى.

  ياخشى كەيپىيات، ياخشى ئۈنۈم، ياخشى ئىستىل نامايان قىلىندى

  جاڭ چۈنشيەن قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى ۋە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەييارلىقى پۇختا، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكىلەرنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشى ئەينەن، چىن، ئۆزىنى ئانالىز قىلىشى چوڭقۇر، كۈچلۈك بولدى، ئۇلار باشقىلارنى تەنقىد قىلىشتا دادىل بولدى، ئۆزئارا تەنقىدلەشتىمۇ قىلچە يۈز – خاتىر قىلمىدى. مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، تۈزەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، تەكشۈرۈش – ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ھەيدەكچىلىك قىلىپتۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەرنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئاچقۇچلۇق ھالقا. بۈگۈنكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاساسىدا تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلەپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 5 – تەكشۈرۈش – ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ گولياڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى باھالىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىخچام، باش تېما گەۋدىلىك، ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك بوپتۇ، دائىمىي كومىتېتتىكى يولداشلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە روھى بىر قېتىم پاكلىنىپ، سەۋىيەسىدە يېڭى ئېشىش بوپتۇ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ياخشى كەيپىيات، ياخشى ئۈنۈم، ياخشى ئىستىل يارىتىلىپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈزۈلدى. كېيىنكى باسقۇچتا بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ئۈنۈملۈك چارە – ئۇسۇللىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۈرۈپ، ئۇنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇش: ئېتىقاد ئېنىق بولۇش، ئەسلىي خىسلەتنى خۇنۈكلەشتۈرمەسلىك، خىزمەتتە تەشەببۇسكار بولۇش

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹سىياسىيدا مۇستەھكەم، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس، زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى تولۇق بولۇش›› تەلىپىگە يېتىشى كېرەك:

  بىرىنچى، سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇش كېرەك. مۇستەھكەم كوممۇنىستىك غايە – ئېتىقاد، ئۇلۇغۋار ئېتىقاد بولۇش كېرەك. ئېتىقاد بولمىسا روھ بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا ئىنتىلىش بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمىسا ‹‹ئۈچتە ئۆزىگە ئىشىنىش›› نى ئىشقا ئاشۇرغىلى شۇنداقلا ئۇچقاندەك ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەتكە ماسلاشقىلى بولمايدۇ. كوممۇنىستىك غايە – ئېتىقادنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئېتىقاد ئېنىق بولۇش، ئەسلىي خىسلەتنى خۇنۈكلەشتۈرمەسلىك، خىزمەتتە تەشەببۇسكار بولۇش كېرەك. سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇشنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە تونۇشنى مەركەزنىڭ چوڭ – چوڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ – چوڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، ئەينەن ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇشتا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەشتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، مۇقىملىققا سەل قارايدىغان بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇشى كېرەك. مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە قاتتىق زەربە بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، ئۈنۈملۈك ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشى كېرەك. زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تۇتۇپ، جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە جازا ھۆكۈم قىلىپ، قىلچە رەھىم قىلماي، قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش: قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى توغرا ئىگىلەپ، تېگىگە يېتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش كېرەك

  ئىككىنچى، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش. مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ – چوڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى توغرا ئۆگىنىش، چۈشىنىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. چۈشىنىش، بىلىش ئوخشاش بولمىسا ئىجرامۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر خىل خاھىش بىلەن يەنە بىر خىل خاھىشنى يوشۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، رەھبىرىي كادىرلار مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي، زىددىيەتكە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، زىددىيەتلەرنى ئانالىز قىلىپ، مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىشى كېرەك.

  ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، بېرىش – كېلىش قىلىش، قوشۇلۇش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ – چوڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ياخشى ئىشنى ياخشى بېجىرىپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلاردا قاتنىشىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش كېرەك. ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردا ئالاقىلىشىش، بېرىش – كېلىش قىلىش، قوشۇلۇش ئىقتىدارى بولۇشى، كەڭ قورساق بولۇشى، كۆپ خىللىققا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆز ئارا زوقلىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئوخشاش ئىدىيەدە بولۇشقا، بىرلىكتە تىرىشىشقا يېتەكلەپ، ھەقىقىي زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئىستىلدا دۇرۇس بولۇش: ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىش كېرەك

  ئۈچىنچى، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇش. سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇش، ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل››غا قارشى تۇرۇش نەمۇنىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ‹‹يىلتىز››نى داۋاملىق سۇغىرىپ تۇرۇش كېرەك. خەلق بىزنىڭ يىلتىزىمىز، خەلق بولمىسا بىزمۇ مەۋجۇت بولالمايمىز. بىز ئاممىغا يېقىندىن يېقىنلىشىپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئەسلىي خىسلىتىمىزنى ساقلىشىمىز، ئېتىقادىمىزنى ئۆزگەرتمەسلىكىمىز كېرەك. قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان روھنى ساقلاپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئارقىغا يېنىپ كەتمەي، ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  زېھنى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى تولۇق بولۇش: ئۆگىنىشتە يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتىش، ھوقۇق جەھەتتە بەسلەشمەسلىك، تۇرمۇشتا تەلەپچان بولۇش، ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك

  تۆتىنچى، زېھىن ۋە كۈچ – قۇۋۋەت تولۇق بولۇشى كېرەك. ئۆگىنىشتە قاتتىق ئۆلچەم بېكىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۆلچەم قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش؛ ھوقۇق جەھەتتە بەسلەشمەي، ئۆسۈش مەسىلىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، پارتىيەۋىلىكنى ئۆلچەم قىلىش؛ تۇرمۇشتا تەلەپچان بولۇپ، ئاددىي – ساددا بولۇشنى تۈپ تەلەپ ۋە ئاخىرقى چەك قىلىش؛ ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلماسلىق، كەينىگە چېكىنىش ئىدىيەسىدە بولماسلىق كېرەك. مەيلى يېشى چوڭ ياكى كىچىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز›› دېگەن ئىدىيەدە، جياۋ يۈلۇ روھىنى جارى قىلدۇرۇشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، بىركۈنمۇ بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. مانا بۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، خەلقنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى، پارتىيەنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى. خىزمەتنى قېتىرقىنىپ، ئەستايىدىل، پۇختا ئىشلەپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك. نىشان تۇرغۇزۇپ، خىزمەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىپ، ئۆز ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ۋە ئىشلارنى تىرىشىپ يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

  ئاممىنى رازى قىلىشنى ئۆلچەم قىلىپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئارقىلىق، كۆپچىلىك پارتىيە تۇرمۇشىنىڭ قاتتىق تەلەپلىك چېنىقتۇرۇشىدىن ئۆتۈپ، پارتىيەۋىلىك ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى مەركىزىي كومىتېت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پائالىيەتنى تېخىمۇ ياخشى، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى بىرلىكتە تىرىشىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جيەنگو يىغىندا مۇنداق دېدى: شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ روھىنى ئوبلاستتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارغا تېزدىن يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئوبلاستقىچە كېڭەيتىپ، تۈزەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىستىل ياخشىلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىمىز كېرەك.

  زېڭ چۈنلېي مۇنداق دېدى: شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ناھىيەدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چوڭ – چوڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئاممىنى رازى قىلىشنى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ‹‹ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككىنى ئۆستۈرۈش››تە چىڭ تۇرۇپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنى شىنجاڭ بويىچە ئىلمىي تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت مۇقىم، ئەبەدىي ئەمىن بولغان ئۈلگە نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن، مەركەزنىڭ 11 – تەكشۈرۈش – ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى…
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…
      ·بىرقانچە تارماق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇر…
      ·مەملىكەت بويىچە ئاتا ئانىسى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن 56 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قەھرىمانلىق يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىم ئىمتىھان ئالماقچى
      ·ئىككى ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن قاتىل بىلەن ئېلىشىپ يارىلاندى
      ·مەركەز مالىيەسى 2014-يىللىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مەبلىغىد…
      ·پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا ماڭدۇق(1)