باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سېسى قەسەم بېرىپ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى

2014.06.10 02:41   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

سېسى قەسەم بېرىپ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى

  8-ئىيۇن، مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى ئاساسىي قانۇن ئالىي سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، مىسىرنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى سېسى سوتچى ئالدىدا قەسەم سۆزىنى ئوقۇماقتا

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 8-ئىيۇن تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مىسىرنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان سېسى شۇ يەر ۋاقتى 8-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ، مىسىردىكى ئاساسىي قانۇن ئالىي سوت مەھكىمىسىدە قەسەم بېرىپ ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان . ئۇ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ساقلايدىغانلىقى ، ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقى ، خەلق مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەرگەن .

  ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، سېسى نۇرغۇن ئەسكەر قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئاساسىي قانۇن ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن ئايرىلىپ ، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئۆتكۈزگەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن . قوللىغۇچى ئامما قوللىرىغا كۆتۈرۈۋالغان دۆلەت بايرىقى ۋە سېسىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن شارلارنى پۇلاڭلىتىپ ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن .

  شۇ يەر ۋاقتى 3-ئىيۇن كەچ سائەت 7:00 دە ، مىسىرنىڭ ئالىي سايلام كومىتېتى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، 2014-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان : بىرىنچى نامزات ، سابىق ھەربىي ئەمەلدار سېسى تەخمىنەن 23 مىليون 780 مىڭ بېلەت ، %96.91 ئاۋاز بىلەن مىسىر زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…
      ·بىرقانچە تارماق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇر…
      ·مەملىكەت بويىچە ئاتا ئانىسى بىلەن ئەگىشىپ كەلگەن 56 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قەھرىمانلىق يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىم ئىمتىھان ئالماقچى
      ·ئىككى ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن قاتىل بىلەن ئېلىشىپ يارىلاندى
      ·مەركەز مالىيەسى 2014-يىللىق يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مەبلىغىد…
      ·پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا ماڭدۇق(1)
      ·مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 9 مىليون 390 مىڭ ئادەم قاتناشتى(1)