باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقى راھىل شەرىف بىلەن كۆرۈشتى

2014.06.09 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 5-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ شتاب باشلىقى راھىل شەرىف بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 4-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجابىي ئىنكاسىغا ئېرىشتى، جۇڭگو پاكىستان بىلەن بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى مۇقىملىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پاكىستان پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  راھىل شەرىف مۇنداق دېدى: پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، پاكىستان ئىككى دۆلەت، ئىككى ئارمىيەنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداشقا تىرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر