باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىلىدۇ

2014.06.16 01:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ۋاڭ باۋئەن ئۈلۈشكۈن فۇجيەننىڭ سەنمىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالاقىدار تارماقلار ھۆكۈمەت دوختۇرخانلىرى ئۇنىۋېرسال ئسلاھاتىدا سىناق قىلىنغان شەھەرلەرنى تەكشۈرۈپ باھالايدۇ، يېتەكلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەركەز مالىيەسىدىن سىناق قىلىنغان شەھەرلەرگە قارىتىلغان تولۇقلىما مەبلەغنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئاجرىتىلغاندىن كېيىن ئاندىن ھېساباتنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، تەلەپ بويىچە ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغان شەھەرلەرنىڭ سىناق قىلىنغان شەھەر بولۇش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ شۇنداقلا مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان تولۇقلىما مەبلەغنىڭ بىر قىسىمى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ۋاڭ باۋئەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشى بولۇپمۇ پىلانغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى ۋە ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش قاتارلىق قاتتىق دېتاللارغا تولۇق مەبلەغ سېلىپ، مەبلەغ خاراكتېرلىك چىقىمنى ئازايتىپ، پاراۋانلىقىنى قوغدىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر