باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2014.06.16 01:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 12-ئىيۇن چۈشتىن كىيىن بېيجىڭدا قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چوڭ سان سىپىر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ئەزالار ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ سان سىپىر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قانداق قوللاش، جۇڭگوچە سان سىپىر قانۇن سىستېمىسىنى ئورنىتىش، چوڭ سان سىپىر بايلىقى تارماقلىرىنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، چوڭ سان سىپىر ئارقىلىق دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىش، سان سىپىرلارنى ئېچىۋېتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەتلىشىپ، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. يۈ جىڭشىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

  دۆلەت ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لۇ ۋېي ئىلىمىزنىڭ چوڭ سان سىپىر قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكىدىن پايدىلىنىشغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر